澳门足球盘

外围平台不给提现万博提款发来审核邮件

جوردان سالونى تەرجىمىسى

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: جوردان سالونىدا تەرجىمە قىلىنغان ھەرقانداق بىر ئۇچۇرنىڭ باشقا سالونلاردا كۆچۈر ۈپ تارقىتىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلار پاش قىلىنىدۇ

  

   بېيجىڭ ۋاقتى 2019 - يىلى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، قەھرىمانلار كوماندىسى ناھايىتى جاپالىق ھالدا بەشىنچى مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلىپ، ئومۇمىي نومۇردا 2 - 3 گە ئۆزگەرتتى، ئۇلارنىڭ چىمپىيون بولۇش ئۈمىدى داۋاملاشتى. لېكىن مۇسابىقىدىن كېيىن قەھرىمانلار كوماندىسىدىكى ماھىرلار خۇشال بولالمىدى، كوماندىنىڭ باش دېرىكتورى مايرىس يىغلاپ كەتتى، چۈنكى دۇرانت يارىلاندى، ھەمدە NBA ماھىرلىرىغا نىسبەتەن ئەجەللىك بولغان ئۆكچە پېيى يارىلاندى. 

  دۇرانت ئەتە ماگنېتلىق رېزونانسلىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەگەر ئۆكچە پېيى يارىلانغان دەپ دىئاگنوز قويۇلسا، بۇ ئۇنىڭغا يوقىتىش خاراكتېرلىك زەربە بولىدۇ. دۇرانتقا نەچچە يۈز مىليون دوللار زىيان بولۇپلا قالماي يەنە كەسپىي ھاياتىدا زور بۇرۇلۇش بولىدۇ، بەلكىم قىران ۋاقىتلىرى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ قايتىدىن يارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ۋاقتىغا بېرىشى ناھايىتى تەس. 

  ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە بەدەن تىركىشىشى كۈچلۈك بولىدۇ ،NBA ماھىرلىرىنىڭ يارىلىشى تەبئىيلا لەغمەن يېگەندەكلا ئىش، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل كېسەل بار، ئاڭلىغان كىشىنىڭ يۈرىكى ئاغرىيدۇ،، ئۇ دەل ئۆكچە پېيىنىڭ يارىلىنىشى، ئۇ تىزىنىڭ يارىلىنىشىدىنمۇ ئېغىر. 

   NBA ماھىرلىرى ئىچىدە، ئۆكچە پېيىنىڭ يارىلىنىش كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلۈپلا قالسا، جاننى ئالىدۇ. بىر داۋالاش دوكلاتىغا قارىغاندا، 1988 - يىلىدىن 2011 - يىلىغىچە، جەمئىي 18 نەپەر ماھىرنىڭ ئۆكچە پېيى ئېغىر يارىلىنىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان، ئۇلارنىڭ يارىلانغاندىكى ئوتتۇرىچە يېشى 29.7 ياش، ئوتتۇرىچە 55.9 مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن مەيدانغا چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە 7 نەپەر ماھىر يارىلانغاندىن كېيىن مەيدانغا چىقمىغان، 2 نەپەر ماھىر بىر مۇسابىقە ئويناپ چېكىنگەن، پەقەت 8 نەپەر ماھىر ئاز دېگەندە 2 مۇسابىقە پەسلى توپ ئوينىغان. 

  ئوخشاش يارىلانغان ۋەكىل خاراكتېرلىك ماھىرلاردىن كوبې، كىچىك توماس، ئونېئال، برادلېي، برۇپس، ۋىلىكنس، ئاكۇ، چەننىڭس، گەي ۋە كوۋسىنس قاتارلىقلار بار، ئونېئال كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا يارىلانغاندىن كېيىن ئۇدۇللا چېكىندى، ۋىلىكنستىن باشقا ماھىرلار يارىلانغاندىن كېيىن مەيدانغا چىقىپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتالمىدى، ھەممىسىدىلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. 

  بىز كوبېنى مىسالغا ئالايلى، كوبې 2013 - يىلى يارىلانغان، يارىلىنىشتىن بۇرۇن 34 ياشقا كىرگەن كوبې يەنىلا قىران ھالىتىدە تۇرۇپ، ئوتتۇرىچە 27.3 نومۇر 5.6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ۋە 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن. ئۇ يارىلىنىپ مەيدانغا چىققان مۇسابىقە پەسلىدە ئىپادىسى تۆۋەنلىگەن، ئۇ ئۈچ مۇسابىقە پەسلى چىداپ مەيدانغا چىقتى، جەمئىي مەيدانغا چىققان 107 مەيدان مۇسابىقىدە، ئوتتۇرىچە 18.9 نومۇر 4.4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ۋە 3.9 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن، توپ چۈشۈرۈش ئۈنۈمى ۋە ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈرۈش ئۈنۈمى %36.6 ۋە %28.5 بولغان. مۇداپىئەدە ئۇنىڭ قەدىمى ئاستىلىغان. 

دۇرانت يارىلىنىشتىن بۇرۇن پاچىقىدا تارتىلغان ئەھۋال كۆرۈلگەن

  

  دۇرانت دۇچ كېلىدىغان زىيان دەل كېيىنكى توختامىدا بولىدۇ. 31 ياشقا كىرەي دەپ قالغان دۇرانت بۇ يىل يازدا ئەركىن ئەزاغا ئايلىنىدۇ، بۇ چوقۇم ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى چوڭ توختام بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر قەھرىمانلار كوماندىسى توختام ئۇزارتسا، ئۇ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5 يىللىق 220 مىليون دوللارلىق توختاملىشالايدۇ. 

   ئەگەر دۇرانتنىڭ يارىسى ئېغىر بولسا، ئۇ يەنە قەھرىمانلار كوماندىسى بىلەن 220 مىليون دوللارلىق توختاملىشالامدۇ؟ ناتايىن، بەلكىم بەزىلەر دۇرانت قەھرىمانلار كوماندىسى ئۈچۈن مەيدانغا چىقىپ يارىلانغاچقا، قەھرىمانلار كوماندىسى چوقۇم يۇقىرى مائاش بىلەن توختاملىشىشى كېرەك، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇنتۇپ قالماڭ، NBA دېگەن سودا بىرلەشمىسى، قاراپ بېقىڭلار كېلتىكلار كوماندىسى كىچىك توماسقا قانداق قىلدى، يەنە قاراپ بېقىڭلار ساقىيقۇش كوماندىسى كوۋسىنسقا قانداق قىلدى. 

 

  دۇرانت ئەلۋەتتە ھېچكىم ئالمايدىغان ئەھۋالدا قالمىدى، قەھرىمانلار كوماندىسى ئۇنىڭ بىلەن توخـتاملىشىشى مۇمكىن، لېكىن توختام مۇددىتى ۋە سوممىسىنى قايتىدىن كېڭىشىدۇ. چۈنكى قەھرىمانلار كوماندىسى دۇرانتقا 5 يىللىق 220 مىليون دوللارلىق توختامنى بەرسە، ئەگەر ئۇ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتالمىسا، ئۇنداقتا قەھرىمانلار كوماندىسى كېيىنبى بىرنەچچە يىلدا چىمپىيونلۇقنى تالىشىدىغان كۈچى قالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كوماندىنىڭ مائاش بوشلۇقى توشۇپ كېتىدۇ.

  دۇرانتنىڭ يارىلىشى بىلەن ئۇنىڭ كېيىنكى بازار قىممىتى چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى توختامىدا قانچىلىق زىيان بولىدۇ، بۇنى پەقەت 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن كېيىن بىلگىلى بولىدۇ.  كۆپ سۆزلەپ قالدىم، ئاستىدىكى ئېلاننى بېسىۋېتىڭلار رەھمەت!

免责声明:本文仅代表文章作者的个人观点,与本站无关。其原创性、真实性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容文字的真实性、完整性和原创性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并自行核实相关内容。

https://www.pick2012.cn/image99_image99/thumb/img_jpg/1b1fBZHKLZ90EOmecsFjXoB8BjdyicPAqFAJMkpvm0D0hTZLudSJH7BzagiaIiavpwWaVkq7E0Vgj0jUMhwlS6Naw/0.jpeg
我要收藏
个赞
被踩
分享到
相关推荐
精选文章
分享
评论
首页